قەلىب سۆز (ئېنگلىزچە: Ernie Bot، ئېنگلىزچە تولۇق نامى: Enhanced Representation through Knowledge Integration؛ ئاددى خەنچە: 文心一言، پىنيىن: wénxīn yīyán، ۋېنشىن يىيەن، مەنىسى قەلىب سۆزلىرىنى پۈتۈك بىلەن ئىپادىلەش) جوڭگو ئېنتېرنىت ماگىناتى بەيدۇ شىركىتى ئىشلەپ بازاغا سالغان سۈنئىي ئەقىللىق پاراڭچىدۇر. ئالىبابانىڭ ھازىرجاۋاپ، تېرەن تىنتىش، ئامېرىكا ئوپېن ئېي ئاينىڭ چەت ج پ ت قاتارلىقلار بىلەن بىللە جوڭگودىكى ئاساسلىق ئالدىنقى قاتاردىكى سۈنئىي ئەقىل چوڭ تىل مودېلىدۇر. قەلىب سۆز چوڭ تىل مودېلى 2019-يىلدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان، 2023-يىلى تۇنجى قېتىم ئاممىغان ئېچىۋېتلگەن. تېرەن تىنتىش ۋە ھازىرجاۋاپقا ئوخشاش، قەلىب سۆزمۇ ئۆزنىڭ سۇپىسىدا ھەرخىل سەزگۈز تېمىلارنى سۈزىدۇ.
قەلىب سۆز ئورگان تور بېتى: https://yiyan.baidu.com/